خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى، فوتوسى) 11-ئىيۇن، ئونسۇ ناھىيەسى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، «11-قېتىملىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى»نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگەن 30 تۈرنى كۆرگەزمە قىلىپ، ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇم دىيارى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى