- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ شياۋخۇا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى
2016.06.14 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجۇ ساقچى تەرەپتىن ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا، بىر ئەر ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى تيەنخې رايونى خۇيجىڭ جەنۇبىي يولىدىكى ئۆيىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئۆلگۈچى گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ شياۋخۇا ئىكەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىندىن بېرى ليۇ شياۋخۇانىڭ بەدەن ئەھۋالى ياخشى ئەمەس بولۇپ، روھىي ھالىتى بىرئاز ناچار ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ساقچى تەرەپ يەنىمۇ تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر