باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ يىل بالىلار كىيىملىرى قاتارلىق تۆت ساھەدە خەلقئارا بىلەن بەلگىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2016.06.14 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 13-ئىيۇن «2016-يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىدىكى <ئۈچ خىل مەھسۇلات> مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى بولغان بازار مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، بالىلار كىيىملىرى قاتارلىق تۆت كەسىپ ياكى ساھەدە خەلقئارا بىلەن بەلگىدە بىرلىككە كەلتۈرۈدىغانلىقى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى سېلىشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلچەمدىن باشلاپ ئۆتكەل چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ياخشى بولغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىنىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى تۈرلىرىنىڭ موللۇقى، سۈپىتىنىڭ رازى قىلىشچانلىقى ۋە ماركىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشچانلىقى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: ئوندىن ئونبەشكىچە شەھەردە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ «ئۈچ مەھسۇلات» ئىستراتېگىيەسىدە ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، تىككۈچىلىك ماشىنىلىرى، ئەقلىي تېرمىنال ۋە بالىلار كىيىملىرى قاتارلىق تۆت ساھە (سودا) جەمئىيەتلىرىدە خەلقئارا بىلەن بەلگىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتى تەشكىللىنىپ، بىردىن ئىككىگىچە تۈركۈمدە «ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتمىسى» ئېلان قىلىنىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى كونترول قىلىش ۋە تېخنىكىلىق باھالاش تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىدىن ئۈچتىن بەشكىچە يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەش تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى كۆپەيتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر