باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دالىدا سۇ ئۈزۈشنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «بىرىنچى قاتىلى» بولۇپ قېلىشىدىن ئاگاھ بولايلى

2016.06.14 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇن، گۇاڭدۇڭ جيېياڭ شەھىرىدە ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگەتكەن ئالتە ئوقۇغۇچى شۇ جايدىكى سۇ ئامبىرىدا سۇغا چۈشكىلى بېرىپ، تۆت ئادەم سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىپ قازا قىلغان. گۈزەل ياشلىق باھارى غۇنچىسىنىڭ تېخى ئېچىلماي تۇرۇپلا بەختكە قارشى خازان بولۇشى كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇردى، شۇنداقلا مەكتەپ قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى.

  جايلاردا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالدىراش ئۆگىنىشمۇ ۋاقتىنچە توختىدى. پىژغىرىم يازدا سىرتقا ئوينىغىلى چىققاندا، سۇ ئۈزۈش بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. ئەمما قارىماققا تىنچ ئېقىۋاتقان ئېرىق-ئۆستەڭ سۇيى ئاستىدا قالايمىقان ئۆسكەن سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، تىك ھەم تىيىلغاق تاشلارلا بولۇپلا قالماستىن، سۇ كۈچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەك تېخىمۇ قىيىن. ناۋادا يەڭگىللىك بىلەن سۇغا چۈشكەندە، ناھايىتى ئاسان پاجىئە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

  بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەھكىمىسىنىڭ «پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا بىر پارچە خەت» دە، سۇغا چۈكۈپ كېتىشنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نورمال بولمىغان ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «بىرىنچى قاتىل»ى بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنى «ئۆزى يالغۇز سۇ ئۈزمەسلىك، ئۆز مەيلىچە باشقىلار بىلەن بىللە سۇ ئۈزۈشكە بارماسلىق» قاتارلىق «ئالتە قىلماسلىق» بىلەن تەربىيەلەشنى چاقىرىق قىلدى.

  «بىرىنچى قاتىل» كەينى - كەينىدىن مەقسىتىگە يېتىپ، سۇغا چۆكۈپ كېتىش پاجىئەسى قايتا - قايتا كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى بولسا ئاتا - ئانىلار، مەكتەپ، مائارىپنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ جايىدا ئادا بولمىغانلىقىدا.

  ئاتا - ئانىلار بولسا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرىنچى ۋەسىيسى، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. بالىلارنى دالىدا سۇ ئۈزۈشكە بارماسلىق توغرىسىدا تەربىيە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلارنى بىخەتەر سۇ ئۈزۈش ئورنىغا ئاپىرىپ مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. قېلىپلاشقان بىخەتەر سۇ ئۈزۈش ئورنى ھازىرلانمىغان ناھىيە-يېزىلاردا، ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر، ناھىيە-يېزا دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى بالىلارنى«ئالتە قىلماسلىق» بىلەن تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى، ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە بىخەتەرلىك - ئالدىنى ئېلىشنى ئورتاق كۈچەيتىشى كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسلىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ سىستېمىسىگە كىرگۈزۈلدى، بىر قىسىم مەكتەپلەردە يەنە سۇ ئۈزۈش دەرسى تەسىس قىلىندى. لېكىن ئاساسلىق دەرس بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سۇ ئۈزۈش دەرىسى بىر قىسىم مەكتەپلەردە شەكىلگە ئايلىنىپ قالدى. مەكتەپ بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى بىخەتەرلىك نەزەرىيەسى سۆزلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيەت دەرسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن خەتەرلىك ۋاقىتتا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن بىخەتەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

  يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ «بىرىنچى قاتىل»غا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ ئامبىرى، كۆلچەك قاتارلىق سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون ۋە سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، بولۇپمۇ يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە سۇغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش لازىم. ھەر بىر تال غۇنچىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئائىلە باشلىقى، مەكتەپ قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىكتە سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشىدەك تىراگىدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر