باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرگە بېرىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بېكىتىلدى، ھەر بىر ئادەمگە ھەر كۈنى 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە بېرىلىدۇ

2016.06.14 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بىلەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى. 2016-يىلى شىنجاڭدا كارخانىلار ھەر بىر ئادەمگە ھەر كۈنى 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە ئۆلچەم بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئىشلەيدىغان خادىملارغا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بېرىش بېكىتىلدى.12-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۆلچەم 2015-يىلىدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، جايلار شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرىقى ئۆلچەم دائىرسىدا كونكرېت ئۆلچەم بېكىتسە بولىدىكەن .

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا (ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى) ئوچۇقچىلىقتا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىزمەت ئورنىدىكى تېمپېراتۇرىنى 33 گىرادۇستىن تۆۋەن تەڭشەشكە بولمىسا (33 گىرادۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ئەمگەكچىگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش كېرەك. تېمپېراتۇرا ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە مەسئۇل تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى پونكىتلىرى ئېلان قىلغان ئۆلچەم بويىچە بىكىتىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىمۇ بۇرۇنقى ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەگەر ئەمگەكچىلەرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مۇھىتىدا خىزمەت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرسا، ئەمگەكچىلەرگە بېرىلىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ھەر ئايدا 70 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر