باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى لى بىننىڭ 3 مىليون 900 مىڭ يۈەن پار ئېلىش دېلوسىغا 12-ئىيۇن سوت ئېچىلدى

2016.06.14 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ش ئۇ ئا ر 11 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لى بىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى. ئەيىبلىگۈچى تەرەپ ئەيىبلىگەن پارا ئېلىش جىنايىتىگە قارىتا، لى بىن باشقىچە پىكىرى يوق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 19-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى لى بىننى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلغان، شۇ يىلى 3-ئىيۇل، ش ئۇ ئا ر خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشىچە، 2004 -يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، لى بىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ بېرىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 27 ئادەمنىڭ 3 مىليون 961 مىڭ 610.8 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلغان، سومما مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئەيىبلىگەن 27 ماددىلىق جىنايەت پاكىتلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نەپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە ماددا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش جەھەتلەردە نەپ يەتكۈزگەن، يەنە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۇنۋان باھالاش، دورا بۇيۇملىرى سېتىش، ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلاردىن پۇل قوبۇل قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر