خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى دېھقانلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كىچىك مىكرو كارخانا قۇرۇپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى كۆپەيتىشكە پائال يېتەكلىگەنلىكتىن، ھازىرغا قەدەر چارۋىچىلىق ، باغ - ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى 56 گە، كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىك، قول ھۆنەۋەنچىلىك قاتارلىق خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كىچىك مىكرو كارخانا 105 گە يېتىپ، ئىقتىسادىي كىرىمنى كۆپەيتىش ئاساسىنى يارىتىش بىلەن 1200 دىن ئارتۇق دېھقان ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
سۈرەتتە : 14- ئىيۇن «قىزىلتاغ» كەشتىچىلىك كارخانىسىنىڭ غوجايىنى جىمىلەم مەھەمەد (سولدىن 1- كىشى) خېرىدارلىرىغا مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى