- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى ئۈچ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈردى
2016.06.14 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن سېئول، باكۇ ۋە يېڭى سىبىرىيەگە ئۇچىدىغان ئۈچ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
12-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-سىئول ئارىسىدىكى قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قاتنايدىكەن. 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-باكۇ ئارىسىدىكى قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. 15-ئىيۇل، ئۈرۈمچى-يېڭى سىبىرىيە ئارىسىدىكى قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم قاتنايدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر