باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار 12-ئىيۇن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى

2016.06.14 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازلىق تەتىل كېلىش ئالدىدا، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا ئارقا - ئارقىدىن قايتتى، 12-ئىيۇن، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي ۋوگزالى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىش يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشات ئابدۇراخماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016-يىللىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەتىل مەزگىلىدىكى توشۇش خىزمىتى 6-ئاينىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. توشۇيدىغان ئومۇمىي ئادەم سانى 1 مىليون 183 مىڭ 50 ئادەم ( قېتىم ) غا يېتىشى مۇمكىن بولۇپ، 2015-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9595 ئادەم ( قېتىم ) ئېشىپ، ئېشىش كۆلىمى %8.82غا يېتىپ، تارىختىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان. شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، شۈيجۇ، چاڭچۈن قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يەنە قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا، بېيتۇن قاتارلىق جايلارغا بارىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر