باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن مېركېل جۇڭگو-گېرمانىيە 4-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.06.14 15:16   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ بىلەن مېركېل جۇڭگو-گېرمانىيە 4-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىللە 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىسى ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، سانائەت، مالىيە، پۇل، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، قاتناش، مۇھىت ئاسراش، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، سودا، ئەدلىيە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش قاتارلىق 26 تارماق مەسئۇللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن قانائەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بىر قاتار يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كېڭىشى باشلانغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مۇھىم بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تۈرتكىلىك رولىنى ئويناپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك كېڭىشىشتە، بىز بېرلىندا ئورتاق بېكىتكەن «جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت تېزىسى» بويىچە نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى پىكىر ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…