باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 681 يۈەن ئۆستى، 7-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

2016.06.14 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە 2016 - يىللىق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش يېڭى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1470 يۈەن بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 150 يۈەن ئۆسكەن، ئەڭ يۇقىرى تاپشۇرۇش نىسبىتى 13 مىڭ 353 يۈەن بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 681 يۈەن ئۆسكەن.

  8-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى تور بېكىتىدە « 2016-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقىرىلدى، 2016-يىللىق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تەڭشەش 2016-يىلى 6-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، 31-ئىيۇلدا ئاخىرلىشىدۇ. 2016-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، ھەر قايسى ئورۇن 2015-يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئومۇمىي سوممىسى شۇ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتى بولىدۇ، مائاش ئومۇمىي سوممىسى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ «مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەركىب تېپىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ۋاقىتقا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش، ئىشىغا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش، مۇكاپات، نەپىقە ۋە ياردەم پۇلى، قوشۇمچە مائاش ۋە ئالاھىدە ئەھۋالدا بېرىلىدىغان مائاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر