باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجېن شەھىرى يەنتيەن رايونلۇق مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ بىبو مەنزىرە رايونىدا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ روھىي كېسىلى بارلىقىنى ئېيتقان

2016.06.14 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يەنتيەن شۆبە ئىدارىسى قىسقا بىلوگى «شېنجېن شەھىرى يەنتيەن ساقچى خەۋىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئىيۇن، بىر ئايال يەنتيەن رايونىدىكى بىر مەنزىرە رايونىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، نەق مەيداندا ساقچىلار بىلەن 120 جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى قوللانغان بولسىمۇ، ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايال يەنتيەن رايونلۇق مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ بىبو ئىكەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ روھىي كېسىلى بار ئىكەن. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 12-ئىيۇن سائەت 10 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئورنى شەھەر ئاھالىسى لېي X نىڭ ئىنىسىنىڭ خوتۇنى شياۋ X نىڭ روھىي كېسىلى بارلىقىنى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش غەرىزى بارلىقىنى، يەنتيەن رايونىدىكى بىر مەنزىرە رايونىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. يەنتيەن ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ھەم مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئىزدەشكە تەشكىللىگەن.

  12-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، ساقچىلار مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر ئايالنىڭ بۇ مەنزىرە رايونىدىكى كۆۋرۈكتىن سەكرەپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىققانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان. نەق مەيداندا ساقچىلار بىلەن 120نىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر