باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشتى

2016.06.14 14:51   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مېركىلنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن پىشقان تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەمكارلىق ئاساسىي يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىيات يولىدىن چەتنىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى نۇقتىدا، يىراقلارغا نەزەر سېلىپ، ھەمكارلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە موللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك. ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» بىلەن گېرمانىيە «سانائەت 4.0»نى ئۆز ئارا ئۇدۇللاشتۇرىدىغان سۇپا قۇردى، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنى تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت-ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا سودا ماجىرالىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمى»نىڭ 15-ماددىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەل رايى ئاساسىنى چېڭىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، ۋىزىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئاۋىئاتسىيە ھوقۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…