باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىشتا ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى

−−ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2016.06.16 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەن بۇلتۇر پېنسىيەگە چىقىپ شىنجاڭدىن چېڭدۇ شەھىرىگە كەتكەندىن كېيىن، كېسەل سەۋەبىدىن چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ياتتىم. شىنجاڭ − چېڭدۇ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، مەن تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ قويدۇم، دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئاتچوت قىلىنىشقا تېگىشلىك پۇلنى ئاتچوت قىلىپ بەردى، ھازىر بەكلا قولايلىق بولۇپ كېتىپتۇ». دېدى 12 - ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پېنسىيىگە چىققان خىزمەتچىسى ۋۇ شياۋيەن تېلېفوندا خۇشال ھالدا.

  داۋالىنىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجى. قانداق قىلغاندا پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ۋە ئاتچوت قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى، بۇ خىزمەت ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپلا قالماي، يەنە قىسمەن ئۆلكە ۋە شەھەرلەر بىلەن تورلاشتۇرغاچقا، ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاغرىق باشقا جايدا خاتىرجەم داۋالىنالايدىغان بولدى.

  باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلدى

  ئۇزاقتىن بۇيان داۋالاش بايلىق تەقسىماتى تەكشى بولماسلىق، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى كۈنسېرى كۆپىيىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدا باشقا جايدا داۋالىنىدىغانلار كۆپەيدى. بىر جەھەتتىن، شىنجاڭنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنە مۇئەييەن پەرق بار؛ يەنە بىر جەھەتتىن، پېنسىيەگە چىققان نۇرغۇن كىشى ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىپ، شۇ جايدا داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، شۇنداقلا ئاتچوت قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى پەيدا بولغان.

  2011 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 8 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، باشقا جايدا كۈتۈنۈش، كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتتىكى «ھەممىباپ كارتا»نى يولغا قويۇش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2012 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش»نى شۇ يىلقى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرى قىلىپ، ئىككى يىلدا ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى 2012 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئاپتونوم رايوندا ئاساسىي جەھەتتىن بىر تۇتاش بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تارقىتىش ۋە قوللىنىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ يىلى جايلاردا ئۈرۈمچىگە كېلىپ كېسەلخانىدا يېتىش ۋە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە باشقا جايدا ئامبۇلاتورىيەگە كۆرۈنۈش، دورا دۇكانلىرىدىن دورا سېتىۋېلىشتا «ھەممىباپ كارتىسى»نى ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 2013 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش بويىچە «بەشتە قاپلاش» كۆزلىمە نىشانى، يەنى تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار (پېنسىيە - دەم ئېلىشقا چىققانلار، نەپىقە ئوبيېكتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپى (ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى (زور سوممىلىق داۋالىنىش ياردىمى، مەمۇرلار ياردىمى قاتارلىقلار)، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەلگىلەنگەن بارلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە 5000دىن ئارتۇق دورا دۇكىنى ۋە دوختۇرخانا قاپلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەلىكىدە باشقا جايدا داۋالىنىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولدى. 2013 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرى ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ قانات يايدۇرۇپ، 2014 - يىلى شەنشى ۋە خەينەن ئۆلكىلىرىدە باشقا جايدا داۋالىنىشنى توردا ئاتچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز سىچۈەن ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسى بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىشنى توردا ئاتچوت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئاتچوت قىلىش قولاي ۋە تېز بولۇپ، نەق مەيداندا ئاتچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  70 ياشتىن ئاشقان جاۋ دېرېن ئىلگىرىكى باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىشتا ئۇچرىغان ئاۋارىچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كېسەلخانىدا ياتساق، داۋالىنىش ھەققىنى ئاۋۋال ئۆزىمىز تۆلەپ ئاندىن، خىلمۇ خىل تالون ۋە ئىسپاتلارنى ئېلىپ، ئاقسۇ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتچوت قىلغۇزاتتۇق، بەزى چاغلاردا ئاتچوت قىلىشقا بىر نەچچە ئاي ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، بېرىپ - كېلىش كىراسىمۇ 500 يۈەندىن ئېشىپ كېتەتتى.

  جاۋ دېرېن ئەسلىدە ئاقسۇ شەھىرىدە خىزمەت قىلاتتى، 2000 - يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ قىزى بىلەن بىللە تۇرغان. ئۇ گەرچە ئۆزى كۈتكەن ئائىلە شادلىقىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئاتچوت قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىدىن ئىزچىل غەم قىلىپ كەلگەنىدى. كېيىن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تارقىتىلىشى ۋە ئاپتونوم رايوندا باشقا جايلاردا داۋالىنىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن، جاۋ دېرېن موماينىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسى ھەل بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانا ھەق تاپشۇرۇش، دوختۇرخانىدىن چىقىش، ئاتچوت قىلىش مەركىزىنىڭ كۆزنىكىدە 11 - ئىيۇن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاتۇشتىن كەلگەن ئاغرىق مەمەت رەجەب مۇنداق دېدى: داۋالىنىشقا 14 مىڭ يۈەن كەتتى، 7000 يۈەن تاپشۇرغانىدىم، دوختۇرخانىدىن چىققاندا ھېساباتنىڭ ھەممىسى تۈگەپ، يەنە ماڭا 4000 يۈەندىن ئارتۇقراق پۇلنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا جايلاردا داۋالانغانلار 1 مىليون 470 مىڭ ئادەم/ قېتىمغا، ئاتچوت قىلغان ھەققى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. تۆت يىلدىن بېرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا جايلاردا داۋالىنىش راسخوتىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلغانلار 2 مىليون 610 مىڭ ئادەم/ قېتىمغا، ئاتچوت قىلغان ھەققى 4 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، شەخسىي ئۆزى ئالدىن تۆلەپ تۇرغان مەبلەغ تەخمىنەن 3 مىليارد يۈەن ئازلاپ، باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلىندى.

  باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىچكىرىدىكى قىسمەن ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن پېنسىيەگە چىقىپ، باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قولايلىق يارىتىلدى، بۇ يىل 31 - ماي شىئەن شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى شيې خۇيلىن كېسەل سەۋەبىدىن شىئەن شەھەرلىك «گاۋشىن» دوختۇرخانىسىدا كېسەلخانىدا ياتقان بولۇپ، 12 - ماي دوختۇرخانىدىن چىققاندا تۆلىگەن 16 مىڭ يۈەنگە يېقىن داۋالىنىش چىقىمىدىن 14 مىڭ يۈەن ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىنىپ بېرىلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەنشى، خەينەن، سىچۈەن، چۇڭچىڭ ۋە جىلىن قاتارلىق بەش ئۆلكە، شەھەردە ئولتۇراقلاشقانلار ئىچىدە 10 مىڭ 580 ئادەم ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشقا تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرغان. بۇ يىل 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش مۇلازىمىتىدىن 292 ئادەم/قېتىم بەھرىلەنگەن، ئاتچوت قىلغان ھەققى 5 مىليون 520 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  بۇ يىل ئۆلكە ئاتلاپ توردا ئاتچوت قىلىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ

  ئاپتونوم رايونىمىز 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى توردا ئاتچوت قىلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى جاي باشقا جايدا داۋالىنىشتا «سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي سىياسىتى، كېسەل كۆرسەتكەن جاي باشقۇرۇش، كېسەل كۆرسىتىش مۇندەرىجىسى، ئۆلكە سۇپىسىدا ئاتچوت قىلىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىككى تەرەپتىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسىدىكى باشقا جايدا تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ۋە كىملىك بىلەن باشقا جايدا كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى توردا بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىدىغان بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى بو يۇڭجۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا جايلاردا داۋالىنىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىشقا قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، يولۇقۇدىغان مەسىلىلەرمۇ بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. ئەڭ گەۋدىلىكى تېخنىكا جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇر سىستېمىسى ئوخشاش بولمىغان ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى «ھەممىباپ كارتا»نى ئىشلىتىش دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس، ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى خىلمۇ خىل بولغانلىقتىن، توردا ئاتچوت قىلغاندا كېرەك بولىدىغان سىستېمىنى ئۆزگەرتىش بەلگىلىك دەرىجىدە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، بەزى سىستېمىنى ئۆزگەرتىشكە بىر نەچچە ئاي ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىكەن.

  شۇنداق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلاردا داۋالىنىش خىزمىتىدە قارشى تەرەپتىكى ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلار بىلەن پائال كېڭىشىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئامال قىلىپ ھەل قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان شىنجاڭ − جىلىن باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى توردا ئاتچوت قىلىش مۇلازىمىتىدە، جىلىن ئۆلكىسىدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن، جىلىن ئۆلكىسى شىنجاڭلىق باشقا جايدا ماكانلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئۈچۈن يەرلىك كارتا ئىشلەپ بېرىش شەكلى بىلەن، جىلىن ئۆلكىسىدىكى بارلىق ناھىيە ۋە شەھەرلەردە باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىلىن ئۆلكىسى شىنجاڭدا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلىشتىن ئىلگىرى كىملىكى بىلەن شىنجاڭدا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئاتچوت قىلدۇرالىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز تەدرىجىي يولغا قويۇلۇۋاتقان «پاراسەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت»كە تايىنىپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ئاغرىقلار يان تېلېفون ئارقىلىقلا باشقا جايدا داۋالىنىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر