باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالىملار تارتىش كۈچى دولقۇنىنى يەنە بىر قېتىم «ئېنىق» ئۆلچەپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى

2016.06.16 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: ئامېرىكا لۇيىسئاننا ئىشتاتى لىۋىڭستون شەھىرىدىكى لازېر نۇرى ئىنتېرفېرېنسىيەلىك تارتىش كۈچى دولقۇنى رەسەتخانىسىنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا LIGO ۋە ياۋروپا Virgo ئىككى تارتىش كۈچىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تۈرىگە مەسئۇل تەتقىقاتچى خادىملار 15-ئىيۇن ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سانتىياگو شەھىرىدە ئۆزلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم «زامان-ماكان مەيىن دولقۇنى» تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى «ئېنىق» ئۆلچەپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

  شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەتقىقاتچى خادىملار ئۆزلىرىنىڭ «لازېر نۇرى ئىنتېرفېرېنسىيەلىك تارتىش كۈچى دولقۇنى رەسەتخانىسى (LIGO)»نىڭ ئۆلچىگۈچىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 22دىن 38 مىنۇت 53 سىكونت (بېيجىڭ ۋاقتى 26-كۈنى سائەت 11دىن 38 مىنۇت 53 سىكونت) ئۆتكەندە، ئىككى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ بىرىككەندە چىقارغان تارتىش كۈچى دولقۇنى سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم «ئېنىق» ئۆلچەپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئالىملار، 1 مىليارد 400 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بۇ ئىككى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ قوشۇلۇشتىن بۇرۇنقى ماسسىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم سەككىز قۇياش ۋە 14 قۇياشنىڭ ماسسىسىغا تەڭ بولۇپ، قوشۇلغاندىن كېيىنكى ئومۇمىي ماسسىسى 21 قۇياشقا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قۇياش ماسسىسىچىلىك ئېنېرگىيەنىڭ قوشۇلۇش جەريانىدا تارتىش كۈچى دولقۇنى شەكلىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر