باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە مۇساپىرلارنىڭ جەمئىي 3 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شىكايەتنامىسى تاپشۇرۇۋالغان

2016.06.14 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت تەرەپ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر مۇساپىرلارنىڭ گېرمانىيەنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسى تەرتىپىنى ھەددىدىن ئارتۇق دەپ ئەيىبلىگەن جەمئىي 3 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شىكايەتنامە تاپشۇرۇۋالغان.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئادۋوكاتقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر مۇشۇنداق شىكايەتتىن جەمئىي 3271 پارچە تاپشۇرۇۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەت بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسى توغرىسىدا قارار چىقىرالمىسا، بۇ شىكايەتلەر كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدىلا، جەمئىي 1مىليون 100 مىڭ مۇساپىر گېرمانىيەگە كەلگەن. ئەمما 670 مىڭدىن 770 مىڭغىچە مۇساپىر تېخى ئاخىرقى ئىلتىماس نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر