باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرما ئىنسانلىق مىللەتلەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 21-ئەسىر پاڭلوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى

2016.06.14 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېرما فېدېراتسىيە تىنچلىق پارلامېنتى 21-ئەسىر پاڭلوڭ يىغىنى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ۋۇلاماۋرۇي 12-ئىيۇن مۇنداق دېدى: تېخى مەملىكەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىمىغان ئىنسانلىق مىللەتلەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېقىندا ئېچىلىدىغان 21-ئەسىر پاڭلوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەييارلىق كومىتېتى تېخى مەملىكەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىمىغان بىر قانچە ئىنسانلىق مىللەت قوراللىق تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى كۈتمەكتە.

  بېرما تاراتقۇسى بېرما دۆلەت مەسلىھەتچىسى ئاڭسان سۇكىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 21-ئەسىر پاڭلوڭ يىغىنى تىنچلىق، بىخەتەرلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە فېدېراتسىيە تۈزۈمىگە ئالاقىدار بىۋاسىتە سۆزلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر قانچە بالدۇر سۆزلىشىش ئارقىلىق بىردەكلىك ھاسىل قىلسا، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى شۇنچە بالدۇر ئەمەلىيلىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر