باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئېن يېقىندا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن

2016.06.14 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 13-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالى رەھبىرى كىم جۇڭئېن يېقىندا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، چاۋشيەننىڭ داۋاملىق يادرونى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا شەرھلىگەن. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىڭ ئەزاسى، ھەربىي ھازىرلىقلار سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى ۋەنجەن قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشكە ھەمراھ بولغان.

  كىم جۇڭئون كۆزدىن كەچۈرۈشتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىلغار ئىلىم تىپىدىكى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، چاۋشيەننىڭ شەرقتىكى يادرو چوڭ دۆلىتىلىك، ئارمىيەنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھەربىي ئىشلاردا كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.

  ئىگىلىنىشىچە، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەسلى چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 1964-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. بۇ كىم جۇڭئېننىڭ پارتىيەنىڭ 7-قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر