باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىشنى ئاگاھلاندۇردى

2016.06.14 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى سادىقخان 12- ئىيون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەنگلىيە سايلىغۇچىلىرىنىڭ 23-ئىيون ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغاندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىلىپ كېلىدىغان تەسىرنى ، بولۇپمۇ ئىقتىسادقا ئىلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىشنى ئاگاھلاندۇردى.

  سادىقخان شۇ كۈندىكى زىيارەتتە تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىشنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن تېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ھەمدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  لوندون 500 مىليون نوپۇسنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر بازارغا كېرىش ئېغىزى، بولۇپمۇ خەلقئارا سودىدىكى تەسىرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، كۆپلىگەن خەلقئارا شىركەتلەر بۇ يەردە باش ئورگان تەسىس قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، سادىقخان ئاۋاز بەرگۈچىلەرنى ئالدى بىلەن ئاقىۋىتىنى ئويلىشىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلسىلا، ئامېرىكا، ياپونىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرى ئەنگلىيەنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر