باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئورلاندودىكى ئوققا تۇتۇش دېلوسىنى تەكشۈردى، جۇڭگونىڭ باش ئەلچىخانىسى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

2016.06.14 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە 12- ئىيون ئەتىگەندە ئامېرىكىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يارىلانغان ۋە قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان ئېغىر ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەردى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ قېتىمقى ئوققا تۇتۇش دېلوسىنى تېررورلۇق ۋە ئۆچمەنلىك ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار يوقلىغىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئوققا تۇتۇش دېلوسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 12- ئىيون ئەتىگەن سائەت ئىككىلەردە ئورلاندو شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن، ۋەقەدە 50 كىشى قازا قىلغان، 53 كىشى يارىلانغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ ئامېرىكا تارىخىدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار ئەڭ كۆپ بولغان ئوققا تۇتۇش دېلوسى بولغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، شۇ يەردىكى ساقچى تەرەپ، فىلورىدا ئىشتاتى بىلەن ئورلاندو شەھىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئورلاندو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئىسمىنى ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلدى، دوختۇرخانا تەرەپ تاراتقۇلارغا، يارىدار بولغانلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قازا قىلىدىغانلار سانىنىڭمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا تارتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئوققا تۇتقۇچىنىڭ ئىسمى ئۆمەر مارتېن بولۇپ، بۇ يىل 29 ياشتا ئىكەن. ئافغانىستانلىقنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق بولۇپ، فىلورىدا ئىشتاتىدا ياشايدىكەن.

  جۇڭگونىڭ خىيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئەمەلدارى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 12-ئىيون سائەت 19 غىچە، جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى بايقالمىدى. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 12-ئىيون ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئاگاھلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر