باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتى، ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتكەن مىڭ كىشىنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزدا قۇتۇلدۇردى

2016.06.14 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى ساقچىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دېڭىزدا قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان كۈچلەر 12- ئىيون ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن 1 مىڭ 230 كىشىنى قۇتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازا قىلغان بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى.

  شۇ يەردىكى تاراتقۇلار باياناتنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ دېڭىزدا قۇتۇلدۇرۇش كۈچلىرى ئىتالىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتى، ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى، چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى ۋە ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيەسى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ، بولۇپمۇ چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ قۇتقۇزۇش كېمىسى بىر كىچىك كېمىدىن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن 133 كىشىنى قۇتۇلدۇرغان، ھەمدە قازا قىلغان بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئالامەتلەردىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن مۇساپىرلارنىڭ لىۋىيەدىن يولغا چىقىپ ئوتتۇرا يەر دېڭىز ئارقىلىق ئىتالىيەگە كىرىۋاتقانلىقى، يول يىراق بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغان كېمىلەرنىڭ ئادەملەرنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ قاچىلاش ھادىسى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئايان بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر