باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالاقە تورى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى تاللاش كەسپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

2016.06.16 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14 ـ ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 13 -ئىيۇن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي، قۇمۇل، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، خوتەن قاتارلىق يەتتە جايدا ئالاقە تورى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى تاللاش كەسپى ئېچىلغان.

  بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايىدا ئالاقە تورى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى تاللاش كەسپى ئېچىلغان بولۇپ، جايلاردىكى ئامما تور ئارقىلىق يېڭى سېتىۋالغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىغا ئۆز ئالدىغا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تاختىسى نومۇرىنى تاللىسا بولىدىكەن.

  ئالاقە تورى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى توردا ئالدىن تاللاش ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەقەززا بولىدىغان بىر تۈرلۈك كەسىپ. كەسىپتىن پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 28- كۈنى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى تۇنجى تۈركۈمدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي، سانجى، شىخەنزە، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا ئالاقە تورى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى تاللاش كەسپىنى يولغا قويغانىدى. جايلاردىكى سىستېمىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 2 - تۈركۈمدە ئىلى، ئۈرۈمچى، تۇرپاندا ئالاقە تورى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى تاللاش كەسپىنى يولغا قويدى.

  بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 13-ئىيۇن بۇ كەسىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. نۆۋەتتە، قاتناش ساقچىلىرى تارماقلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كاپالەتلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، سىستېما نورمال يۈرۈشمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر