باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.16 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قانۇن-نىزاملار بىلەن بىردەك بولمىغان، ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىسىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان بىر تۈركۈم سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېلان قىلىش قارار قىلىندى؛ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ كاپالەت پۇلىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا، ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قانۇن-نىزاملار بىلەن بىردەك بولمىغان، ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىسىز سىياسىي ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەشنىڭ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكى، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشنى يولغا قويىدىغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بېكىتىپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشتەك ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. يىغىندا، ئالدىنقى باسقۇچتا ئېلان قىلىنىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 489 گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججىتى ئاساسىدا، قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججىتىدىن يەنە 506نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى توختىتىش قارار قىلىندى، كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قانۇن-نىزامغا ماس كەلمەيدىغان ياكى قانۇن-نىزام ئاساسى يوقلار؛ ئىككىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش پائالىيىتىنى قاتتىق چۈشەپ قويىدىغانلار؛ ئۈچىنچى، تەسىس قىلغان تەستىق ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى تۆۋەنگە بېرىلگەن ۋە ياكى ئوخشىمىغان ھۆججەتتە ئوخشاش بىر ئىشنى تەكرار تەلەپ قىلغان، بەلگىلىمىسى بىردەك بولمىغانلار. يىغىندا، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىش ئارىلىقى، ئىش ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بوشلۇق» پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى. جايلار، تارماقلار يۇقىرىقى روھقا ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قانۇن-نىزامغا ماس كەلمەيدىغان ياكى قانۇن-نىزام ئاساسى يوق، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىسىز سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر