خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇنەن ئۆلكىسى جۇجۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا قارا يامغۇر ئاپىتى تۈپەيلىدىن ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بەردى. خۇنەن ئۆلكىلىك كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر قېتىملىق يامغۇر خۇنەنگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق جۇجۇ شەھىرى بىلەن شياڭتەن، لودى قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن. نۇرغۇن جايلارنىڭ شەھەر ئىچىدە ھۆلچىلىك ئېغىر بولغان، جۇجۇ شەھىرى بىلەن شياڭتەندە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆيلەر كۆمۈلۈپ قالغان، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكى نامەلۇم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى