- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭخۇا تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى
2016.06.15 13:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى خەۋىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭخۇا ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
ۋاڭ جياڭخۇانىڭ تەرجىمىھالى :
ۋاڭ جياڭخۇا، ئەر، خەنزۇ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇەينىڭ ناھىيەسىدىن، 1963-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان، 1981-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1991-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
1981-يىلى 8–ئايدىن 1983-يىلى 9-ئايغىچە بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق مەيدانى خىش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولغان؛
1983-يىلى 9-ئايدىن 1985-يىلى 7-ئايغىچە بايىنغولىن ئوبلاستلىق مالىيە مەكتىپىنىڭ مال باھا كەسپىدە ئوقۇغان؛
1985-يىلى 7-ئايدىن 1990-يىلى 9-ئايغىچە بايىنغولىن ئوبلاستلىق مالىيە مەكتىپى ئوقۇتۇش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ خادىمى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1988.09-1990.07 مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان)؛
1990-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە بايىنغولىن ئوبلاستلىق مالىيە مەكتىپى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان؛
1992-يىلى 11-ئايدىن 1996-يىلى 10-ئايغىچە بايىنغولىن ئوبلاستلىق مالىيە مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995.09-1996.10 چەرچەن ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان)؛
1996-يىلى 10-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە خوشۇت ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1999-يىلى 8-ئايدىن 2003-يىلى 7-ئايغىچە لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان (بۇ ئارىلىقتا : مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2003-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 5-ئايغىچە لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان؛
2005-يىلى 5-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان ( ناھىيە دەرىجىلىك) ؛
2005 -يىلى7-ئايدىن 2006-يىلى 6-ئايغىچە چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان ( ناھىيە دەرىجىلىك)؛
2006-يىلى 6-ئايدىن 2007-يىلى 12- ئايغىچە چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىمى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان ( ناھىيە دەرىجىلىك)؛
2007-يىلى 12-ئايدىن 2011-يىلى 7- ئايغىچە خېجىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2011-يىلى 7-ئايدىن 2013-يىلى 6- ئايغىچە خېجىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، خېجىڭ ناھىيەلىك سانائەت باغچا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان؛
2013-يىلى 6-ئايدىن 2015-يىلى 7- ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
2015-يىلى 7-ئايدىن 2016-يىلى 5- ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
2016-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
ش ئۇ ئا ر 8 - قېتىملىق پارتىيە قورۇلتىيى ۋەكىلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر