11-ئىيۇن چۈش سائەت 12 دە «بۇلاق بېشى سودا سارىيى» يېنىدىكى مىۋە - چىۋە دۇكىنىدا بىر خېرىدار مىۋە تاللىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) 11-ئىيۇن، تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئىسسىق ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ھاۋا ئىسسىپ 33 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كىشىلەر يەنىلا ناھايىتى ئالدىراش، ئاپتوبۇس بىكەتلىرىدە كىشىلەر دەرەخ سايىلىرىغا ئارىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ ئاپتوبۇس ساقلىماقتا، دوغ، ماروژنى ساتىدىغانلارنىڭ بازىرى چىقتى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا جاھاننىڭ جاي - جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن «يىپەك يولى»نىڭ مەركىزىدىكى بۇ سېھىرلىك ماكاننىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن سېتىۋالسا، كەچتە چوڭ بازار زىياپەتخانىسىدا مول نازىمەتلەرگە ئېغىز تەگمەكتە. ھەرقاسى سودا سارايلىرىدا سودا يەنىلا ئاۋات، دوقمۇشلاردا كىشىلەر يىغىلىپ، جاھاندىكى قىزىق ئىشلار ھەققىدە پاراڭغا چۈشسە، ئاپتاپنىڭ قىزىقىدىن قېچىپ باغچىلارغا سايىداشقا كىرىۋالغانلار جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكتە. مەسچىتلەر ئالدىدا روزا تۇتقانلار ئاپتاپتىن سايىدىغاچ ئىپتار ۋاقتىنى ساقلىماقتا.
ئىيۇن ئېيىدا ئۈرۈمچى ئەنە شۇنداق خۇشال - خوراملىق، ئەمىنلىك ئىچىدە....
تۆۋەندىكى بۇ ماقالە ۋە سۈرەتلەر شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 14-ئىيۇن 4-بېتىدە ئېلان قىلىنغان.