باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېنگالدا تېررورلۇققا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان 5000دىن كۆپرەك كىشى قولغا ئېلىندى

2016.06.14 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېنگال ساقچى تەرەپ 12-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ دۆلەتتە يېقىندا ئاز سانلىق دىن مۇرتلىرىغا قارىتىلغان بىر قاتار قانلىق دىلولار يۈز بەردى، ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە مەملىكەت مىقياسىدا ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئۆتكەن نەچچە كۈن ئىچىدىلا ساقچى تەرەپ 5000دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، بۇندىن كېيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدە يەنىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى مۆلچەرلەندى.

  مەملىكەت خاراكتېرلىك بۇ بىر مەيدان ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى 9-ئىيۇن باشلانغان بولۇپ، 11-ئىيۇن بىر كۈندىلا 3000دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى، 12-ئىيۇن كۈنى 2000 ئەتراپىدا كىشى قولغا ئېلىندى.

  ساقچى تەرەپ باياناتچىسى كامنۇر ئاخساننىڭ دېيىشىچە، 12-ئىيۇنغىچە، ساقچى تەرەپ قولغا ئالغان تېررورلۇققا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغانلار سانى 5300دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 80دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك پاكىت بار ئىكەن، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بار ئىكەن.

  بۇ يىل 5-ئايدا، بېنگالدىكى بىر مۇخبىرلار جەمئىيىتى بىر پارچە «ئۆلۈم تىزىملىكى» تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئوبيېكتلىرى ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى، مۇخبىرلار ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەمەلدارلار قاتارلىقلارنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدىكەن. ساقچى تەەرپ بۇنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر