باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان16 كارخانا ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈپ، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

2016.06.15 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2016-يىلى مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى»نىڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ۋە «8- نۆۋەتلىك جۇڭگو يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇنبىرى» 14-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىلقى «ئەخلاقنى ھۆرمەتلەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»نى ئاساسىي تېما قىلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىمۇ رەسمىي باشلاندى.

  يىغىندا دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىنقى يېرىم يىل ئىچىدە ئۇدا ئىككى تۈركۈم قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ، لاياقەتسىز چىققان 16 يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى: خېيلوڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يىڭبۇسى خۇاۋېي سۈتچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتى، جابىل (خۇنەن) يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، چۇڭچىڭ يۈۋېييۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، ۋۇچېڭ ناھىيەسى فېڭلى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، خەينەن خوڭچېن سانائەت-سودا چەكلىك شىركىتى، 39 كارخانا گۇرۇھى لەنكاۋ ئۈزۈم ھارىقى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ھەييوۋېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، داليەن سەنشەن ئارىلى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، خاربىن شىنۋاڭ تېيخې سودا چەكلىك شىركىتى، خەيكۇ لۇخۇايۈەن چۈنشېڭ سودا سارىيى، چۇڭچىڭ شەھىرى پەنشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى جيامىڭ يېمەكلىك توپ سېتىش ئورنى، سەنيا گورۈن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، لەنكاۋ ناھىيەسى خويۈن قوشۇمچە يېمەكلىك سودا سارىيى، بېيجىڭ شەھىرى شىمېن لىلى يېمەكلىكلەر توپ سېتىش دۇكىنى، بېيجىڭ شەھىرى بالىچياۋ خوڭلىڭ يېمەكلىك تىجارەت بۆلۈمى، داليەن ۋولما تۈرلۈك ماللار چەكلىك شىركىتى بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە بار.

  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەشنى بۇيرىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر