باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تيەنجىننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2016.06.16 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 15 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۇچى باشچىلىقىدىكى تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بۇ قېتىم شىنجاڭغا ئاساسلىقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، خوتەن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن كەلگەن. شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ياردەم مەبلىغى، 400دىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتى ئۈچۈن 1800دىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىختىساسلىق خادىمنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، بەلگىلەنگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرىنى تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تيەنجىن شەھىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقە قىلىپ، شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تيەنجىننىڭ كەسپىي مائارىپ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خوتەن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى بالدۇر كۆرۈپ، خوتەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىق خادىم تەربىيەلەپ بېرىشى كېرەك. تيەنجىن شەھىرىنىڭ كەسىپ، پورت، جابدۇقچىلىق، سودا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خوتەن بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خوتەننىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق خاس ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، خوتەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى شۇچى مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى، بۇ تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتى. تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭ ۋە خوتەننىڭ ئەمەلىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خوتەندە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر