باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆچمە چىقىم قىلىش ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىن مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى

2016.06.16 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تېڭشۈن» شىركىتىنىڭ «ئۈندىدار چىقىم قىلىش» مۇلازىمىتى يېقىندا، ياپونىيەدە چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ شۇ جايدا مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ياپونىيەدىكى 10 مىڭ ماگىزىندا كۆچمە چىقىم قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودىكى نۇرغۇن كۆچمە چىقىم قىلىش سۇپىلىرى دۆلەت ھالقىغان كەسىپلەرگە يۈرۈش قىلىپ، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىن مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن يەنە، چەت ئەللىك سودىگەرلەرگىمۇ پايدا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىر چالمىدا ئۈچ پاختەك سوقتى.

  كۆچمە چىقىم قىلىش چەت ئەلدە ئەمەلىيلەشتى

  نەق پۇلدا چىقىم قىلىشتىن، كارتا سۈرتۈپ ئىستېمال قىلىشقىچە ۋە ھازىر كىشىلەر كۈنسېرى ئادەتلىنىۋاتقان كۆچمە چىقىم قىلىشقىچە، ئېلىمىز پۇقرالىرى ئىستېمالىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى ئېلان قىلغان 37-قېتىملىق «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتى»دا دېيىشىچە، «كۆچمە ئالاقە تورى پۈتۈنلەي يېڭى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن»، «توردا چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرى ئۈزلۈكسىز موللاشقان». دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مەھەللىلەردىكى مېۋە-چىۋە يايمىلىرىدا «يان تېلېفوندا سكاننېرلاپ پۇل تۆلەش»كە ئادەتلەندى. جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان 2015-يىللىق كۆچمە ئالاقە تورىدا چىقىم قىلىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ٪82 زىيارەت قوبۇل قىلغۇچىلار يان تېلېفوندا چىقىم قىلىپ باققان، شۇنداق دېيىشكە بولدىكى، كۆچمە چىقىم قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاساسىي چىقىم قىلىش ئۇسۇلىغا ئايلانماقتا.

  لېكىن جۇڭگودىكى ھەر قايسى كۆچمە چىقىم قىلىش سۇپىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى بازىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە نەزىرىنى چەت ئەلگە تاشلىدى. «توپۇ» كەسىپلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە كۆچمە چىقىم قىلىش بازىرىنىڭ كۆلىمى 2016-يىلى 620 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ئېلىمىزنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىش كارخانىلىرى ئەلۋەتتە بۇنداق چوڭ كۆلەملىك دۇنياۋى كۆچمە چىقىم قىلىش بازىرىنى قولدىن كەتكۈزىۋەتمەيدۇ. ئۈندىداردا چىقىم قىلىش، ئەلى چىقىمدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمە چىقىم قىلىش مۇلازىمەتلىرى چەت ئەلدە ساياھەت قىلىۋاتقان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى «سكاننېرلاپ پۇل تۆلەش»كە ئادەتلەندۈرۈش ئارقىلىق چەت ئەلدىكى بازىرىنى كېڭەيتمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر