باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە 7461 كىشى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى

بۇلارنىڭ سەككىز ئۈلۈشى ئاز سانلىق مىللەتتىن

2016.06.20 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن كەچ، بېيجىڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى 2016 ـ يىللىق بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىشتا ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋە ئالاھىدە قوبۇللاش تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بايقىلىشىچە، بۇ يىل نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلار 7461 كىشى بولۇپ، 2014-يىلدىكى 8330 كىشىدىن 869 كىشى ئازايغان. بۇلار ئىچىدە، ئەڭ كۆپ ئېتىبار نومۇرى قوشۇپ بېرىش تۈرى يەنىلا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 6391 گە يېتىپ، بارلىق نومۇر قوشۇلغان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 86 نى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كاپالەتلىك قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا، ئىككى ئوقۇغۇچى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا، 2016 - يىلى بېيجىڭ شەھىرىدە نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئادەم سانى 6391 كىشىگە يېتىپ، ئومۇمىي ئېتىبار سانىنىڭ % 86 نى ئىگىلىگەن. بىراق بۇلتۇرقى 6929 كىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 538 ى ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېيجىڭ شەھىرىدە بۇ يىل 60 مىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، تەخمىنەن ھەر 10 مىڭ كىشى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىدىن بىرسى بار ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىزچىل نومۇر قوشۇشتىكى چوڭ ئوبيېكت ئىكەن، بۇ يىلقى نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى بويىچە، تولۇق ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى پەقەت ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولسىلا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نومۇرى ئاساسىدا يەنە بەش نومۇر قوشۇلىدىكەن، ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلىش–قىلماسلىقنى تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىدىكەن. لېكىن بۇ سىياسەت پەقەت بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگەنلەرگە تەتبىقلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر