خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭنىڭ سايرام كۆلى بويىدا ئېچىلغان ياۋا گۈللەر پۈتكۈل يايلاقنى قاپلىغانىدى، ئاسماندىكى توپ - توپ بۇلۇپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلار ئەينەكتەك سۈزۈك كۆل سۈيىدە ئەكىس ئەتكەن شولىسىدىن گۈزەل مەنزىرە پەيدا بولاتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە ئات مىنىش ھەۋەسكارلىرى بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ، سايرام كۆلىنىڭ ياز پەسلىنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىتىۋەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى