باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى باشلاندى

2016.06.20 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇن، ئىككى ئايدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ۋە جىددىي رېپىتىس قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن « شەرەپلىك بايراق » ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى زالىدا باشلاندى.

  مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 95 يىل بولغان پەيتتە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى، مەقسىتى بولسا ئاممىۋى سەنئەت، ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخى ۋە ئۆچمەس تۆھپىسىنى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۈيلەپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش » ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» ،« ئىنتىزام تەربىيەسى يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى « يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ»، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر