باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ

2016.06.17 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 9-ئايدا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بالىلار كېسەللىكلىرى بويىچە ئوقۇيدىغان بەش يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، «5 + 3» بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپىدە ئوقۇپ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرمەكچى بولغانلارغا ساندا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  بۇ تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزسە، نۆۋەتتىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار دوختۇرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى پەسەيتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئەنگە ئېلىنغان دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 80 مىڭ 103 كىشى ئىچىدە، بالىلار كەسپى بويىچە ئوقۇغان دوختۇردىن پەقەت 3912سى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن %1.9 تۆۋەن ئىكەن.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى يەن مېي دوختۇرخانىدا بالىلار دوختۇرىدىن 59ى بار، ھەر كۈنى بالىلار كېسەللىكلىرى مەركىزىدە كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن نومۇر ئالىدىغانلار 500-600 ئادەم(قېتىم)غا يېتىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر