باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىررىي: ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلماقتا

2016.06.16 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىكى تەلەپ بويىچە بۇ كېلىشىمنى قاتتىق ئىجرا قىلماقتا ھەمدە ئامېرىكا بانكىلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بەرمەكتە. نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كىررىي شۇ كۈنى نورۋېگىيەنىڭ باش ۋەزىرى سولبېرىگ بىلەن بىرگە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران ئۇزۇن يىللىق جازانى باشتىن كەچۈردى، بۇ بەزى چەتئەل بانكىلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ قايسى ساھەلەردە ئېچىۋېتىشنى قويۇۋەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكتەك ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشىگە سەۋەبچى بولدى، شۇڭا يەنە نۇرغۇن چۈشەندۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنى كىررىي نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىف بىلەن يېپىق ئۇچراشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر