باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تاكسى ئەترىتى قۇرۇلدى

2016.06.16 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىدىكى ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، مېيىپلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرا ماشىنىلىرىدا ئولتۇرۇشى قىيىن بولۇشتەك ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان دولان تاكسىچىلىق شىركىتىدىكى 60 شوپۇر ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تاكسى ئەترىتى قۇرۇپ، ئاجىز كىشىلەرگە ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى قولايلىق يول يۈرۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئوبۇل بارات تاكسىچىلىق كەسپى بىلەن شوغىللىنىش جەريانىدا ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، مېيىپلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرا ماشىنىلىرىدا ئولتۇرۇشىنىڭ تەسلىكىنى خىلى بورۇنلا ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ، بۇ يىل يىل بېشىدا شىركەتتىكى باشقا شوپۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تاكسى ئەترىتى قۇرۇپ چىقتى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ماشنىسىغا «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تاكسىسى» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتنى چاپلاپ، ئاجىز كىشىلەر توپىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلدى.

  ئوقۇشىمىزچە، دولان تاكسىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى بۇ يىل 3-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 30 مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ماشىنىسىنىڭ 60 شوپۇرى بار ئىكەن، ئۇلار ئاساسلىقى ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، مېيىپلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتتىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر