باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاتالمىش ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا ئۇرۇنۇش ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق

2016.06.16 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن تۈنۈگۈن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئاشكارا خىرىس قىلىدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئەگەر بەزىلەر ئاتالمىش ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەيۋەننى جۇڭگودىن پارچىلاپ چىقىشقا ئۇرۇنسا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ خالاس.

  ئەن فېڭشەن تەيۋەن دەۋر كۈچى پارتىيەسى يېقىندا ئۆلكىنى بىكار قىلىش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە يۇقىرىقىلارنى بايان قىلدى.

  بىر مۇخبىر: يېقىندا ئۆزىنى پۇقراۋى مۇخبىر دەۋالغان خوڭ سۇجۇ گومىنداڭنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرىنى ئاشكارا تىللاپ: ئۇلارنى چوڭ قۇرۇقلۇققا ھەيدىۋېتىش كېرەك دەپتۇ، سىز بۇ ۋەقەگە قانداق باھا بېرىسىز دەپ سورىغاندا ئەن فېڭشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز بۇ ۋەقەنىڭ سىرتقى ساھەنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆردۇق، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى چوڭقۇر ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر