خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىدىكى كەنتكە چۈشكەن <<ئۈچ ئەل>> خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى ئېتىز-ئېرىقلاردا دېھقانلارنىڭ يازلىق بۇغداي يىغىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ۋە ماددى بۇيۇملارنى دېھقانلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋادا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
14-ئىيۇن، ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسىنىڭ يۇقارقى يوتچى كەنتىدە، ئاقسۇ شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، شەھەرلىك ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش ئىشخانسىدىن كەنتكە چۈشكەن كادىرلار كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ يازلىق بۇغداي يىغىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى ھەم ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان دېھقانلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نان، سۇ ۋە باشقا ماددى بۇيۇملارنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ، دېھقانلار ئالدىراش مەزگىلىدە ئۇلارغا يار-يۆلەك بولدى.
سۈرەتتە: ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى يۇقارقى يوتچى كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار دېھقان پاتەم ساۋۇتنىڭ بۇغدىيىنى ئورۇماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى