باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دالاي «قارتا ئۆيى» دىن چىقالمىدى

ۋاشىنگتوندا بىر مەيدان سىياسىي ئويۇن قويۇلدى

2016.06.16 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 15-ئىيۇن ئاق سارايدا دالاينى كۈتىۋالدى، ئامېرىكا گوياكى دالاينى يەنە «قارتا ئۆيى» گە كىرگۈزدى، «قارتا ئۆيى» ئويۇنى داۋاملاشتى.

  بۇ، ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە دالاينى تۆتىنچى قېتىم قوبۇل قىلىشى. بۇلتۇرقى «مەملىكەت بويىچە تىلەپ تىلەش ناشتىلىق يىغىلىش» قا بىللە قاتناشقاننى قوشقاندا، ئىككەيلەن بەشىنچى قېتىم كۆرۈشۈپ، كىلىنتون ياراتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دالاينى ئالتە قېتىم كۈتىۋېلىش رېكورتىغا تەڭلەشتى. بىراق جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق رېكورت ئۇنچە شەرەپلىك ئەمەس.

  دالاينىڭ ئامېرىكىغا پات-پات زىيارەتكە كېلىشىدە مەيلى قانداق بايراقنى كۆتەرگەن، قانداق نىقابلانسۇن، ئۇنىڭ سىياسىي مەقسىتى بىرلا: «شىزاڭ مەسىلىسى» نى خەلقئارالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە بوشلۇق يارىتىشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت. بەش يىل بۇرۇن، دالاي سىياسىيدىن «چېكىنىش»، دىنغا قايتىش، سىياسىيلار سىياسى بىلەن، دىندارلار دىن بىلەن شۇغۇللىنىشنى، دالايلارنىڭ سىياسىيغا كۆڭۈل بۆلمەي، دىنغا بېرىلىدىغانلىقىنى جار سالدى. ئەمەلىيەتتە دالايلار «پېنسىيەگە چىققان» دىن كېيىن يەنىلا پىتىراپ، تۈرلۈك پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ شىزاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى قارىلاپ، شىزاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ، يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا تىللار بىلەن «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» نىڭ تۈرلۈك ئەتكەس ماللىرىنى بازارغا سالدى. دالايلار دىندىن پايدىلىنىپ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشكە ئادەتلەنگەن، ئامېرىكىنى يۆلەنچۈكى ۋە سەھنىسى قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئامېرىكىدىن ئەڭ چوڭ سىياسىي تايانچقا ئېرىشىش، دەپ قارىدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دالايلارنى پات-پات قوبۇل قىلىشى، مەيلى قانداق «تۆۋەن مۇقام»، «غەيرىي رەسمىي» بولسۇن، «دىن مەدەنىيىتى» ئۈستىدە قانداق سۆھبەتلىشىش، سىياسىينى تىلغا ئالماسلىق ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ بىر ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ؛ دالايلارنى بىر سىياسىي شاھمات قىلىۋاتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر