باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سايدىك يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.06.16 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سايدىك تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيەنىڭ قەرەللىك سۆھبىتى شۇ كۈنى بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئاياغلاشقان، يىغىندا ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان. سايدىك يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا ھەر قايسى گۇرۇپپىلار مۇزاكىرە قىلغان ئاساسلىق مەسىلىنى ئۇقتۇرغان. سايدىك مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى 29-ئىيۇن مىنىسكىدا كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر