باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئاغزى-بۇرنى قانغا بويىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ

2016.06.16 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن 15-ئىيۇن دائىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا قىلىنغان ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق. ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاتالمىش «ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئاغزى-بۇرنى قانغا بويىلىش بىلەن مەغلۇب بولىدۇ.

  ئەن فېڭشەن تەيۋەن «دەۋر كۈچى» پارتىيە-گۇرۇھى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان «ئۆلكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئاتالمىش «ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» تەكلىپى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىدىكىدەك ئىپادە بىلدۈردى.

  مۇخبىر تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى دائىرلىرى يېقىندا تاراتقۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، قۇرۇقلۇق بىلەن قوشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئەن فېڭشەن مۇنداق كۆرسەتتى: قۇرۇقلۇق ۋە تەيۋەن بىر جۇڭگوغا مەنسۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر قېرىنداش. ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەمەس، شۇڭا قانداقتۇر «قوشنىدارچىلىق» مۇناسىۋىتى ئەمەس. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر