- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى سۈن لىكۇن تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ
2016.06.16 16:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقى بىلەن، جياۋزو شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى سۈن لىكۇن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
ماتېرىيالدا ئاشكارىلىنىشىچە، سۈن لىكۇن 1957-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، بۇرۇن خېنەن ئۆلكىسى سۈيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، خېنەن ئۆلكىلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى كېڭىشىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جياۋزو شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2013-يىلى 4-ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە جياۋزو شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر