باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالدىنقى بەش ئايدا ئىلىمىزنىڭ چەتئەللەرگە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 61.9 پىرسەنت ئاشقان

2016.06.16 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئىلىمىزنىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 61.9 پىرسەنت ئاشقان، چەتئەللەردە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش يېڭى توختامى سوممىسى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن مۇقىم ئاشقان.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنى بەش ئېيىدا، ئىلىمىزنىڭ چېگرا ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ يەر شارىدىكى 151 دۆلەت ۋە رايوندىكى 4136 چەتئەل كارخانىلىرىغا سالغان پۇل مۇئامىلىدىن باشقا بىۋاسىتە مەبلىغى 480 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 61.9 پىرسەنت ئاشقان.

  چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش جەھەتلەردە مەبلەغ سېلىش مەنزىلى ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاساسلىق يەتتە ئىقتىسادى گەۋدىگە مەركەزلەشكەن، بۇ ئوخشاش مەزگىلدە چەتئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 80.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ئىلىمىزنىڭ چەتئەللەردە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش كەسپىدە تاماملانغان تىجارەت سوممىسى 326 مىليارد 460 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت چۈشكەن، يېڭىدىن ئىمزالانغان توختامنىڭ سوممىسى 492 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 11.7 پىرسەنت ئاشقان. 2016-يىلىدىن بۇيان ئىلىمىز 181مىڭ ئەمگەكچىنى چەتئەللەرگە چىقارغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر