باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە نەتىجىگە ئېرىشتى

2016.06.16 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان ئارمىيە تەرەپ باياناتچىسى ھاشىم باجىۋا تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئارمىيە دائىرىلىرى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىدا « شەمشەر ھەرىكىتى» ئېلىپ بارغان ئىككى يىلدىن بۇيان مۇھىم غەلىبىگە ئېرىشىپ، 3500دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىدى. باجىۋا مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىككى يىل جەريانىدا ئارمىيە دائىرىلىرى شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ 992 ئۇۋىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، 253 توننا پارتلاتقۇچ ۋە نۇرغۇن راكېتامىيۇتنى ئولجا ئالدى ھەمدە بۇ رايوننىڭ شوۋال جىلغىسىدىكى بومبا ياسايدىغان 7500 ئورۇننى تاقىدى. شىمالىي ۋەزىرىستان پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يېرىم ئاپتونوم قەبىلە رايونى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر