باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ دوستلۇقى ئاساسىي قاتلامغا نەپ ئېلىپ كەلدى

2016.06.16 15:48   مەنبە: خەلق تورى

بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ دوستلۇقى ئاساسىي قاتلامغا نەپ ئېلىپ كەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، يەن شۇلىن فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن كۆكيار باشقۇرۇش رايونىنىڭ ئېقىنبۇيى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 12-تۇەن-مەيدان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىنىڭ غوللۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر زىچ ھەمكارلىشىپ، بىڭتۈەن رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 14-ئىيۇن 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 20 توننا سېمونتنى كۆكيار باشقۇرۇش رايونىنىڭ ئېقىنبۇيى كەنتىگە يۆتكەپ كېلىپ، كەنت كومىتېتىنىڭ قورۇسىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەييارلاپ، كەنت دەرىجىلىك بازىنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاشقا ئاساس سالدى.

  بۇ ئىككى ئورۇندىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇزۇندىن بۇيان قويۇق دوستلۇق ئورناتقان بولۇپ، دائىم ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشۇپ، بىر-بىرنى قوللاپ، تۈرلۈك ئورتاق قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە تېگىشلىك توھپە قوشتى.

  سۈرەتتە: ئېقىنبۇيى كەنتىگە ئىئانە قىلىنغان سېمونتلار چۈشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟