باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تور يېمەكلىك تىجارىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى» چىقىرىلىدۇ

2016.06.16 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن شيەنزى تۈنۈگۈن «تۇنجى نۆۋەتلىك ئىنتېرنېت تورى قوشۇلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باشلىقلار مۇنبىرى»دا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: «تور يېمەكلىك تىجارىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى» پات-ئارىدا چىقىرىلىپ، تور يېمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان 3-تەرەپ سودا سۇپىسىنىڭ مەجبۇرىيىتى تەپسىلىيلەشتۈرىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىدىكى شۆبە مۇنبەر پائالىيىتىنىڭ بىرى. مۇنبەردە يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان سىرتتىن غىزا سېتىۋېلىش سۇپىسىدا كۆرۈلگەن «قارا دۇكان» قاتارلىق تور يېمەكلىكى بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدە قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش 2-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي ئېنشۆ مۇنداق دېدى: بەزى «قارا دۇكانلار» نىڭ توردىكى غىزا زاكاز قىلىش بېتىدىكى ئۇچۇرلىرى راست ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تىجارەت قىلىپ، تىجارەت دائىرىسىنىڭ تىجارەت قىلىش ئىجازىتى بېرىلگەن تۈرلەر بىلەن بىردەك بولۇشىغا، ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىنىڭ راست بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر