خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئىيۇن، سىرىلانكىنىڭ كولومبۇ تاموژنىسى خادىملىرى قولغا چۈشۈرگەن زەھەر بويۇمىنى تەكشۈرمەكتە. شۇ كۈنى، سىرىلانكا تاموژنىسى قىممىتى 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەن. ئىمپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر شىركەت مېلىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزگەندە، تاموژنىغا بىرازىلىيەدىن توشۇپ كېلىنگەن بۇ بىر تۈركۈم زەھەرلىك چېكىملىكنى «شېكەر» دەپ مەلۇم قىلغان. نۆۋەتتە، بۇ ئىشقا چېتىشلىق شىركەت خادىملىرى قولغا ئېلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى