خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى) بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى 14- ئىيۇن، ئۆزىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسى بۇلغان چەرچەن ناھىيەسى قۇراملىق يېزىسىنىڭ چىمبۇلاق كەنتىگە ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.
قۇراملىق يېزىسىنىڭ چىمبۇلاق كەنتى چەت، نامرات تاغلىق كەنت بولۇپ، بۇ كەنتتىكى چارۋىچىلار قۇراملىق يېزىسىنىڭ چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان باشكېچىك كەنتىگە كۆچۈرۈلۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ كەنتتە ھازىرغىچە ئۇن زاۋۇتى بولمىغانلىقتىن، بۇ يەردىكى چارۋىچىلار ئۇن تارتىش ئۈچۈن 50 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ناھىيە بازىرىدا ئۇن تارتىپ چىقاتتى. جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ قېتىم بۇ كەنتكە ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ بېرىشى بۇ كەنتتىكى كەڭ چارۋىچى ئاممىسىنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى .
چىمبۇلاق كەنتىدىكى چارۋىچى توختى سۇلايمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : كەنتىمىزدە ھازىرغىچە ئۇن زاۋۇتى يوق ئىدى، بىز ئۇن تارتىش ئۈچۈن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا 40 يۈەن ماشىنا كىراسى تۈلەپ بېرىپ ئۇن تارتىپ چىقاتتۇق. بۈگۈن كارخانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن يېزىمىزدا ئۇن زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاندى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇن زاۋۇتى پۈتسە كىرا پۇلىمىز تېجەپ قېلىنماستىن، ۋاقتىمىزمۇ تېجىلىپ، بىزگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ ئۇن زاۋۇتىنىڭ تېزراق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
سۈرەتتە : قۇراملىق يېزىسىنىڭ مەسئۇللىرى ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى