باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا داۋاملىق ئاپەت ئەھۋالى ۋە خېيىم-خەتەر كۆرۈلمەكتە

2016.06.16 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋاملىق قاتتىق يامغۇر يېغىشقا ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا داۋاملىق ئاپەت ئەھۋالى ۋە خېيىم-خەتەر كۆرۈلمەكتە، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. 12-ئىيۇندىن بۇيان، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې، خۇەيخې، چاڭجياڭ دەريالىرى بويىدىكى قىسمەن رايونلار قاتتىق يامغۇر، گۈلدۈرماما، قاتتىق شامال، مۆلدۈرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. 15-ئىيۇن سائەت توققۇزغىچە، خېبېي، سەنشى، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، شەنشىدە 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئىككى كىشى قازا قىلدى؛ 170 مىڭ گېكتار يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىدى؛ 1 مىليارد 920 مىليون يۈەن بىۋاسىتە زىيان بولدى.

  13-ئىيۇندىن بۇيان، فۇجيەن، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك كەلكۈن، ھۆلچىلىك، مۆلدۈر ئاپىتى بولدى. 15-ئىيۇن سائەت توققۇزغىچە، بۇ جايلاردا 420 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، بەش كىشى قازا قىلدى، بىر كىشى يوقاپ كەتتى، 7500 دىن ئارتۇق كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 16 مىڭ گېكتار دېھقانچىلىق زىرائىتى ئاپەتكە ئۇچرىدى؛ 330 مىليون يۈەن بىۋاسىتە زىيان بولدى. خۇنەن ئۆلكىسى 11 مىڭ 900 كىشىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر