خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى ئايكۆل يېزىسىدىن مۇھەممەتجان روزى خەۋىرى) پوسكام ناھىيەسىدە چىلان، ياڭاق، ئالما قاتارلىق ئىقتىسادى كىرىمى يۇقىرى ئەلا سورتلۇق باغلارنىڭ كۆلىمى 430 مىڭ مودىن ئېشىپ، دېھقانلار كىرىمنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئاساس سالدى. ھازىر بۇ ناھىيەدە بىر ئائىلىدە بىر دىن باغ-ئورمانچىلىق تېخنىكىسى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.
سۈرەتتە: ئايكۆل يېزىسى ئۇلۇغمىڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ياڭاق كۆچىتى ئۇلاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى بىرلىكتە ئۆگەنمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى